قورغاستا
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىستېمالچىلار بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى كۆرۈپ جۇڭگو ئاپتوموبىللىرىنى سېتىۋالدى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي
10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئەتىگەندىلا، مۇخبىر جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىگە كىرىپ، جۇڭگولۇق ۋە قازاقىستانلىق نۇرغۇن ئىستېمالچىنىڭ مال سېتىۋېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
«بۇ سودا شەھەرچىمىز ھەمكارلىق مەركىزىدىكى بىرىنچى تۈركۈمدە تىجارەت باشلىغان سودا ساراي. بۈگۈنكى كۈندە، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ شەرق شامىلىغا تايىنىپ، كونا سودا ساراي يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى» دېدى قورغاس يىۋۇ خەلقئارا سودا شەھەرچىسى(چەكلىك شىركىتى)نىڭ باش مۇدىرى جىن شىڭجۇڭ.
جىن شىڭجۇڭ ھەمكارلىق مەركىزىدە چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۈلگە بازىسى قۇرۇپ، 20 نەچچە كىشىلىك كۆپ تىللىق بىۋاسىتە كۆرسىتىش كوللېكتىپىنى تەشكىللىدى، يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىۋاسىتە كۆرسىتىش دارىنلىرى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، مەملىكەت سىرتى سۇپىسىدا چېگرا ھالقىغان بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىشنى قانات يايدۇرۇپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.
مۇخبىر زىيارەت قىلىۋاتقاندا، قورغاس يىۋۇ خەلقئارا سودا شەھەرچىسى (چەكلىك شىركىتى) بىۋاسىتە كۆرسىتىش رايونىنىڭ مەسئۇلى ما تىڭتىڭ قازاقىستانلىق خېرىدارنىڭ تېلېفونىنى ئالدى.
«ئۇ بىزنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىشىمىزنى كۆرگەندە دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن بىر ئاپتوموبىلنى سېتىۋالغانىدى، ئاپتوموبىلنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ۋاقتىنى سۈرۈشتۈرۈۋاتىدۇ» دېدى ما تىڭتىڭ.
ئەسلىدە قازاقىستانلىق بۇ ئىستېمالچى 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق ئاپتوموبىل زاكاز قىلىپ سېتىۋالغان، ئەتىسى قازاقىستان ئاستانىدىن قورغاسقا قاراپ يولغا چىققان، 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ھەمكارلىق مەركىزىگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، نەق مەيداندا ئاپتوموبىلنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئاستانىگە قايتماقچى ئىكەن.
«بىر ئاي ئىلگىرى، بىز بىۋاسىتە كۆرسىتىپ ئاپتوموبىل سېتىشنى سىناپ بېقىشنى باشلىغانىدۇق. ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىدا دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئاپتوموبىللارنىڭ ئېتىراپ قىلىنىش دەرىجىسىنىڭ بۇنچە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقماپتىمەن، ھازىر 30غا يېقىن ئاپتوموبىل سېتىلىپ بولدى» دېدى ما تىڭتىڭ.
يىۋۇ خەلقئارا سودا شەھەرچىسى ئاچقان جۇڭگو ئاپتوموبىل (قورغاس) ئېكسپورت ئەركىن سودا پورتىدا، مۇخبىر لىشياڭ، چاڭئەن، چىرۇي قاتارلىق كۆپ خىل ماركىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ زالدا كۆرگەزمە قىلىنىۋاتقانلىقىنى، قازاقىستاندىن كەلگەن بىر قىسىم ئىستېمالچىلارنىڭ ئاپتوموبىللارنى چۆرىدەپ تەپسىلىي كۆرۈۋاتقانلىقىنى كۆردى.
كۆرگەزمە زالىدا، مۇخبىر تاراقلىغان ئاۋازنى ئاڭلىدى، ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراپ، ئىچىنى كۆرگىلى بولىدىغان بىر كىچىك كۆرگەزمە زالىنىڭ بېزىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
«نۆۋەتتە، بىز چەت ئەلدىكى بىر ئاپتوموبىل سېتىش كارخانىسى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى بىرنەچچە ئاپتوموبىل سېتىش سودىگىرىنى بۇ يەرگە ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدۇق.» جىن شىڭجۇڭ يىۋۇ خەلقئارا سودا شەھەرچىسى يېنىدىكى بوش يەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە ئاپتوموبىلنى سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت پونكىتى قۇرۇشنى پىلانلىدۇق، كېلەر يىلى پۈتكۈزۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى مۆلچەرلەۋاتىمىز».
جىن شىڭجۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئاپتوموبىللارنىڭ ئېكسپورت مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، كېيىنكى قەدەمدە ئاپتوموبىللارنى رېمونت قىلىش، ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇش ئېھتىياجىمۇ ئاشىدۇ. كەلگۈسىدە، ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ ئاپتوموبىل كۆرگەزمە قىلىش، سېتىش، رېمونت قىلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىستىقبالى پارلاق بولىدۇ.
جىن شىڭجۇڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتقا بولغان ئىشەنچى جۇڭگو ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىدىن كەلگەن بولۇپلا قالماي، يەنە جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قورغاس بۆلەك رايونىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىۋاتقان تىجارەت - سودا مۇھىتىدىن كەلگەن.
بۇ يىل 3 - ئايدا، تاۋار ئاپتوموبىللارنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش يېڭى كەسىپ ھالىتى ھەمكارلىق مەركىزىدە رەسمىي ماكانلاشتى. بۇ ئەندىزىدە، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تاۋار ئاپتوموبىللار ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ جۇڭگو تەرەپ رايونىدا كۆرگەزمە قىلىپ سېتىلىپ، ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش، پاسپورت كەچۈرۈم قىلىش سىياسەت ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇردى، جۇڭگو - قازاقىستان ئىككى تەرەپ خادىملىرى ھەمكارلىق مەركىزى رايونىدا ئىختىيارىي سودا كېڭىشىشى ئېلىپ بارسا بولىدۇ.
يېڭى كەسىپ ھالىتىدىن باشقا، «5034» نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئەندىزىسى ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ تاۋار ئاپتوموبىل ئېكسپورتىغا يەنىمۇ قولايلىق ياراتتى. «5034» تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ ۋاكالەت نومۇرى بولۇپ، «رايون ئىچىدىكى ئەشيا ئوبوروتى ماللىرى»نى ۋاكالىتەن نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى كۆرسىتىدۇ ھەم تاموژنا ئالاھىدە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش رايونى بىلەن چېگرا سىرتى ئارىسىدا كىرىدىغان - چىقىدىغان ئەشيا ئوبوروتى ماللىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئەندىزە ھەمكارلىق مەركىزى ۋە قورغاس ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ «ئالدى دۇكان، كەينى ئامبار» بولۇشتىن ئىبارەت ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى.
«بىز خىزمەت مەخسۇس بەنى قۇرۇپ، تاۋار ئاپتوموبىللارنىڭ <5034> ئەندىزىسى ئارقىلىق ھەمكارلىق مەركىزىدە كۆرگەزمە قىلىپ پارچە سېتىلىشىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى مۇھاكىمە قىلدۇق، رەتلىدۇق.» قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى تاموژنىسىنىڭ مۇئاۋىن تاموژنا باشلىقى جارقىن داۋلەت مۇنداق دېدى: تاموژنىمىز تاۋار ئاپتوموبىللارنىڭ ھەمكارلىق مەركىزى ئىچىدىكى ئەمەلىي كۆرگەزمە قىلىپ پارچە سېتىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەلالاشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، تاۋار ئاپتوموبىللارنىڭ مەملىكەت سىرتىدا بازار تېپىشىغا كۈچ قوشىدۇ.