[go: up one dir, main page]

تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى ئەتراپى، بىر سائەتتىلا يېتىپ بارالايسىز، ئاجايىپ گۈزەل كۈز مەنزىرىسىنى تاماشا قىلالايسىز

    شىنجاڭنىڭ كۈز پەسلى كۆزنى چاقنىتىدۇ، ئالتۇن رەڭ بۇ پەسىلدىكى باش رولچىدۇر.  

    قۇياش نۇرى قومۇشلۇقلار ئارىسىدا يالتىراپ، قاقلاپ پىشۇرۇلغان خۇڭشۇنىڭ خۇش ھىدى چوڭ-كىچىك كوچىلارنى بىر ئالىدۇ، باغچىدىكى ئاق قېيىن دەرىخىنىڭ يوپۇرماقلىرى توختىماي تۆكۈلىدۇ... ھەممە نەرسە خۇددى ماي بوياق رەسىمگىلا ئوخشايدۇ.

    گۈزەل كۈز مەنزىرىسىنى قېنى بىللە سەيلە قىلىپ كېلەيلى.

    ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدىن چىقىپ، شەرقىي جەنۇبقا تەخمىنەن 50 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، يىراقتىن يېقىنغا قاراپ سوزۇلغان قاتلاملىرى ئېنىق بىر پارچە «ماي بوياق رەسىم» كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. 

    قار-مۇزلار بىلەن قاپلانغان تاغ چوققىلىرى، شامالغا ئەگىشىپ ھەرىكەتلىنىۋاتقان «چوڭ چاقپەلەك»، ئىرغاڭلاپ تۇرغان قومۇشلار، زۇمرەتتەك كۆل يۈزى، سۇ قۇشلىرىنىڭ ۋىچىرلىغان ئاۋازلىرى...

    بۇ جاي دەل سەيۋوپۇ كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى ئەڭ چوڭ تاتلىق سۇ كۆلى − سەيۋوپۇ كۆلىگە جايلاشقان.

    سەيۋوپۇ كۆلى سۇلۇق يېرى ھەم ئۇ جايلاشقان رايوندا يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرى كۆپ خىل ۋە مول بولۇپلا قالماي، يەنە مۆتىدىل بەلباغ چۆللۈك رايونىدىكى سازلىق، چاتقال، چىملىق، سۇ رايونى قاتارلىقلار تارقالغان بولۇپ، ياۋايى ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەر ياشايدىغان مۇھىم ماكاننى شەكىللەندۈرگەن. 

    سۇلۇق يەر باغچىسىدا ئۈچ كىلومېتىر كېلىدىغان مەنزىرە ئاسما يولى بار بولۇپ، بۇ، باغچىدىكى ئاساسلىق داكا قىلىدىغان جاي ھېسابلىنىدۇ. 

    ئاسما يولغا چىقسىڭىزلا قومۇشلۇقلار ئارىسىغا كىرىسىز (ئىنچىكە پاشنىلىق ئاياغ كىيمەڭ، ياغاچ ئاسما يولنىڭ ئىنچىكە يوچۇقلىرىغا ئاسانلا قىسىلىپ قالىدۇ)، قومۇشلار ئارىسىدا ھەربىر قەدەم ماڭغىنىڭىزدا، ئىللىق كۈز مەنزىرىسىنى قانغۇچە ھېس قىلىسىز.

    ياغاچ ئاسما يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە، يان تېلېفونىڭىزنى ئېلىپ ياندىكى ئىككىلىك كودنى ساۋما قىلسىڭىزلا، قۇش تۈرلىرىگە ئائىت كۆپ ئۆلچەملىك، ئىستېرېئولۇق بىر قېتىملىق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرىگە ئىگە بولالايسىز، بۇ يەردىكى قۇشلارنىڭ تاشقى قىياپەت ئالاھىدىلىكى، ياشاش ئادىتى، يېتىلىشى، كۆپىيىشى، جۇغراپىيەلىك تارقىلىشى قاتارلىق تەپسىلىي ئۇچۇرلار بىلەن تونۇشۇپ چىقالايسىز، ئۇنىڭغا يەنە قۇشلارنىڭ سايرىغان ئاۋاز چاستوتىسىمۇ سەپلەنگەن. 

    ياغاچ ئاسما يولنى بويلاپ ئۇدۇل ماڭسىڭىز، بۇ يەردىكى تاماشا سۇپىسىنى كۆرەلەيسىز.

    ئېگىزگە چىقسىڭىز، قومۇشلارنىڭ شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغانلىقىنى، سۇ قۇشلىرىنىڭ پەرۋاز قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا يېقىندىكى قارلىق تاغ بىلەن سۇلۇق يەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەنلىكىنى، يىراقتىكى سەيۋوپۇ كۆلى بىلەن تاغ تىزمىلىرىنىڭ ئۆزئارا تۇتىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرەلەيسىز، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە سىزگە چەكسىز ھۇزۇر ئاتا قىلىدۇ.

    سەيلە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، باغچىدىكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيىغا بېرىپ ئايلىنىپ، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك ئەۋرىشكىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ھەمتۈرتكە شەكىللىك كۆرگەزمە زالىدىكى ئاجايىپ ھەم قىزىقارلىق ھەر خىل تۈرلەرنى ھېس قىلالايسىز.

    بۇ يەردىكى ساياھەت ۋاقتىڭىز تەخمىنەن يېرىم كۈن ئەتراپىدا بولۇپ، ھاۋا ئوچۇق كۈننى تاللاپ، چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتلەر ئەتراپىدا بارسىڭىز، قۇياش نۇرىنىڭ ئەڭ ياخشى نۇرلۇق ۋاقتىدا گۈزەل مەنزىلەردىن ھۇزۇرلىنالايسىز.

    كەچقۇرۇن كەچكى شەپەقنى سۈرەتكە تارتىپ بولغاندىن كېيىن، چوقۇم يېقىن ئەتراپتىكى «سەيۋوپۇ لازىجى كوچىسى»غا بېرىپ يەرلىك مەززىلىك تائاملارغا ئ‍ېغىز تېگىپ، مۇكەممەل، گۈزەل بىر كۈننى ئۆتكۈزۈڭ.

    نۆۋەتتە، سەيۋوپۇ كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا ھەر كۈنى سائەت 10:00-19:00غىچە بېلەت سېتىلىدۇ، ھەربىر ئادەمگە سەككىز يۈەن، ئاپتوموبىلنى ھەقسىز توختىتالايسىز.

    باغچىدىكى ياغاچ ئاسما يولىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك ۋە ئىچىدىغان سۇ ساتىدىغان يايما ئورنى بار، ئۆزىڭىز ئالدىن ئاددىي تاماق تەييارلىۋالسىمۇ بولىدۇ، ئەمما ئەخلەتلەرنى قالايمىقان تاشلىماڭ. 

    باغچىدا ئاپتاپ توسۇيدىغان جاي بىرقەدەر ئاز، سەيلە-ساياھەت قىلغىلى كەلگەن دوستلار ئاپتاپتىن ساقلىنىش ۋە پاشىدىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. 

    باغچىدا ئوت ئالىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ يۈرۈش، تاماكا چېكىش، دالىدا ھەرقانداق شەكىلدە ئوت ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ، گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىللە، سۇلۇق يەرنىڭ گۈزەللىكىنى بىرلىكتە قوغدايلى.

شەھەردىكى پولات چىۋىق ۋە لاي توپىدىن قوپۇرۇلغان بىنالاردىن ئايرىلىپ

بۇ يەرگە كېلىڭ

شەھەر رايونىدىن 50 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تەبىئەتتە 

بەھۇزۇر نەپەس ئېلىڭ


«شىنجاڭ ياخشى جاي»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.