□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي
10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، كورلا شەھىرىنىڭ پۇخۇي يېزىسىغا جايلاشقان بايىنغولىن ئوبلاستى فۇچېڭ چۈچۈكبۇيا تېرىش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تېرىقچىلىق بازىسىدا، قېزىش ماشىنىسىدىن يەتتىسى گۈرۈلدەپ، ئۇزۇن بىلەكلىرىنى ئوينىتىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن چۈچۈكبۇيا كولاۋاتاتتى، بىر تەرەپتە تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن چۈچۈكبۇيىلاردىن ئۆزگىچە پۇراق تارقىلىپ تۇراتتى.
ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى لى فۇچېڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، چۈچۈكبۇيا سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دادىسىغا ئەگىشىپ تىجارەت قىلىشنى ئۆگەندى. 2016 - يىلى ئۇ دادىسى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ ئۆز ئالدىغا چۈچۈكبۇيا تېرىپ، چۈچۈكبۇيا سۈپىتى ۋە مال مەنبەسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ئارقىدىن ئۇ بايىنغولىن ئوبلاستى فۇچېڭ چۈچۈكبۇيا تېرىش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇپ، 20 ئائىلىلىكتىن ئارتۇق تېرىقچىلىق ئائىلىسىنىڭ چۈچۈكبۇيا كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.
لى فۇچېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، چۈچۈكبۇيا يېمەكلىك ۋە دورىلىقتىن ئىبارەت قوش رولغا ئىگە ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: چۈچۈكبۇيىنى تېرىشتىن يىغىۋېلىشقىچە ئۆسۈش مەزگىلى ئادەتتە ئۈچ يىل بولىدۇ. تېرىش، يىغىۋېلىش مەشغۇلاتىنىڭ ھەممىسى ماشىنىلاشقان بولۇپ، چۈچۈكبۇيا تېرىيدىغان 7000 مو يېرىمنى ئادەتتە پەقەت بەشلا ئادەم پەرۋىش قىلىدۇ، تېرىيدىغان ۋە يىغىۋالىدىغان دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە پەسىللىك ئىشچىلار كېلىپ ياردەملىشىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دادىسىنىڭ يېشى چوڭىيىپ قالغاچقا، لى فۇچېڭ تەرەققىياتنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئۆتكۈزۈۋالدى. ئۇ ھەر يىلى ئىككى ئاي ۋاقىت چىقىرىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ چۈچۈكبۇيا تېرىش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، بازار ئاچتى ھەم سېتىش يوللىرىنى ئۇدۇللاشتۇردى. ئىلگىرى، تېرىقچىلىق تارقاق ئائىلىلىرى چۈچۈكبۇيا بازىرىنىڭ بازار ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، دائىم تېرىپ ئىككى يىلدىن كېيىن چۈچۈكبۇيىنى كولاپ ساتاتتى. ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بىرتۇتاش باشقۇرۇش، بىرتۇتاش ۋاقىتتا قېزىش ۋە سېتىش يولغا قويۇلۇپ، چۈچۈكبۇيا سۈپىتىگە كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن، ھەر مو يەردىكى چۈچۈكبۇيا ساپ كىرىمى ئۆسۈپ 1800 يۈەن ئەتراپىغا يەتتى، شۇنداقلا كېيىنكى مەزگىلدە بازاردا سېتىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى.
«بۈگۈنكى كۈندە، مەن گۇاڭشى، سىچۇەن، ئەنخۇي قاتارلىق جايلاردىكى تېببىي دورا ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى بىلەن مۇقىم ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتىم، چۈچۈكبۇيا سېتىشتا كوپىراتىپ ئەزالىرىنىڭ باش قاتۇرۇشى ھاجەتسىز، ھەر يىلى پەقەت ئولتۇرۇپ پۇل ئېلىشنى كۈتسىلا بولىدۇ» دېدى لى فۇچېڭ.
بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ چۈچۈكبۇيا پىششىقلاش زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۆيىگە كىرگەندە، ماشىنىلار گۈرۈلدەپ، يەتكۈزۈش تاسمىسىدا يېڭىدىن يىغىۋېلىنغان چۈچۈكبۇيا ئۈزۈلمەي يەتكۈزۈلۈپ تۇرۇۋاتاتتى؛ تازىلاپ يۇيۇش رايونىدا، تازىلاش كۆلچىكىدە ئېقىۋاتقان سۇ چۈچۈكبۇيىنى توختىماي يۇيۇپ، ئۇنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى توپا ۋە ئارىلاشمىلارنى پاك - پاكىز يۇيۇپ چىقىرىۋاتتى؛ توغراش سېخىدا، ئۆتكۈر تىغلىق ئەسۋابلار پاكىز يۇيۇلغان چۈچۈكبۇيىنى تەكشى توغراۋاتقان بولۇپ، ھەرىكىتىنىڭ تېزلىكى كۆزنى قاماشتۇراتتى. ئىشچىلار پات - پات توغراش ئۆلچىمى ۋە سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ، ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلاتتى.
«بىز چۈچۈكبۇيا خام ئەشياسىنى سېتىش باسقۇچىدىلا توختاپ قالساق بولمايدۇ، چوقۇم ئۇنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا كوپىراتىپ ئەزالىرى تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئېرىشەلەيدۇ.» 2018 - يىلى، لى فۇچېڭ 3 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، چۈچۈكبۇيا پىششىقلاش زاۋۇتى قۇردى. «چۈچۈكبۇيا يالپاقلانغاندىن كېيىن، ھەر كىلوگىرامىنىڭ سېتىلىش باھاسى خام ماتېرىيال پايدىسىدىن ئىككى يۈەن ئەتراپىدا يۇقىرى بولدى، كوپىراتىپ ئەزالىرىنىڭ چۈچۈكبۇيا تېرىش ئاكتىپلىقى بارغانسېرى ئاشتى» دېدى لى فۇچېڭ.
ھازىر، بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ چۈچۈكبۇيا تېرىلغۇ كۆلىمى 13 مىڭ موغا يېتىپ، چۈچۈكبۇيىنىڭ يىللىق ھوسۇلى 5000 توننا بولۇپ، مەھسۇلات قىممىتى 25 مىليون يۈەنگە يەتتى. لى فۇچېڭ مۇنداق دېدى: ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتناشماقچى بولغان تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى، مەن پىششىقلاش زاۋۇتىنى كېڭەيتىپ قۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى يەنىمۇ ئۇزارتىپ، چۈچۈكبۇيا كەسپىنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زورايتىپ، تېخىمۇ كۆپ تېرىقچىلىق ئائىلىسىنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئاتلىنىشقا يېتەكلەشنى پىلانلاۋاتىمەن.