[go: up one dir, main page]

تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«چيەنكەيدىن شاڭخەيگە بېرىش»تىكى جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى ھەمكارلىقى پاراخوتى يەلكەن چىقىرىپ كەلگۈسىگە ئاتلاندى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خەن لياڭ، ۋېن شىن

«دوكلات رەئىس، دوكلات زۇڭتۇڭ، چيەنكەي پورتىنىڭ قۇرۇلۇشى تاماملاندى، پورت ئېچىش شارائىتى ھازىرلاندى، يوليورۇق بەرگەيسىلەر».

«پورت ئېچىلسۇن!»

شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى كەچ سائەت 7لەردە، پېرۇنىڭ پايتەختى لىمادىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ 1 - قەۋىتىدىكى ئېرىسپرو زالىدا چىراغلار چاقناپ تۇرغان بولۇپ، كەيپىيات قىزغىن ئىدى. رەئىس شى جىنپىڭ پېرۇ زۇڭتۇڭى بورۇئارت بىلەن پېرۇ چيەنكەي پورتىنىڭ پورت ئېچىش مۇراسىمىغا سىنلىق شەكىلدە بىرلىكتە قاتناشتى.

پائالىيەت نەق مەيدانىدا، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تاراتقۇ مۇخبىرلىرى بالدۇرلا تۈرلۈك سۈرەتكە ئېلىش، سىنغا ئېلىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، پېرۇ ھەتتا پۈتكۈل لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب رايونىدىكى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە تارىخىي مىنۇتلارنى خاتىرىلەشكە تەييارلىق قىلدى.

چوڭ ئېكراندا سىنلىق ئۇلىنىش شەكلىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە پورتنى ئېچىش بۇيرۇقى چۈشۈردى. لىمانىڭ شىمالىغا 80 كىلومېتىر كېلىدىغان چيەنكەي پورتى تۈن قاراڭغۇسىدا پورت مەشغۇلاتىنى باشلىدى.

ئېگىز، ھەيۋەتلىك قىرغاق كىرانلىرى رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، تەرتىپلىك ھالدا يۈكنى كۆتۈرۈپ يۆتكەۋاتاتتى. جۇڭيۈەن «پېرۇ ناملىق پاراخوت» «يېڭى شاڭخەي ناملىق پاراخوت» ئايرىم - ئايرىم يۈك چۈشۈرۈش مەشغۇلاتىنى باشلىدى، «تېڭفېي ناملىق پاراخوت» پىرىستاندىن ئاستا - ئاستا ئايرىلىپ، گۈدۈك چېلىپ يىراققا يۈرۈش قىلدى. شوپۇرسىز يۈك ساندۇقى ئاپتوموبىللىرى ئالدىراش ئۆتۈشۈپ تۇراتتى.

رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ بورۇئارت چاۋاك چالغاچ ئېكرانغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ باش لىڭشىتىپ ئېھتىرام بىلدۈردى.

چيەنكەي پورتى ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بىۋاسىتە كۆڭۈل بۆلۈپ تۈرتكە بولغان چوڭ تۈر، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن پېرۇنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى ھەمكارلىق نۇقتىلىق تۈرى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ۋە ئارزۇسى مۇجەسسەملەنگەن.

«قىسقىغىنا بىرنەچچە يىلدا، زامانىۋىلاشقان بىر پورت قەد كۆتۈردى، بۇ، كىشىنى روھلاندۇرىدۇ ۋە ئىلھاملاندۇرىدۇ.» رەئىس شى جىنپىڭ تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: «چيەنكەيدىن شاڭخەيگە بېرىش» تا، بىز «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنىڭ پېرۇدا يىلتىز تارتىپ چېچەكلىگەنلىكىگە گۇۋاھ بولۇپلا قالماي، يەنە يېڭى دەۋردىكى ئاسىيا - لاتىن ئامېرىكىسى قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىگە گۇۋاھ بولماقتىمىز.

مىڭلىغان ئېقىنلار قوشۇلغان تىنچ ئوكيان جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىدىن ئىبارەت «قوشنىلار»نى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا تارىخ، رېئاللىق ۋە كەلگۈسىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ.

رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە، 2000 نەچچە يىل ئىلگىرى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەجدادلىرى يەلكەن چىقىرىپ يىراققا يۈرۈش قىلىپ، دەھشەتلىك بوران - چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرىدىغان دېڭىز يىپەك يولىنى بەرپا قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى؛ 500 نەچچە يىل ئىلگىرى، پېرۇلۇقلارنىڭ ئەجدادلىرى بولغان ئىنكالارنىڭ جاپا - مۇشەققەتتىن قورقماي، ئېگىز ۋە تىك چوققىلاردىن ھالقىپ، ئاندېس تاغ تىزمىسىنىڭ جەنۇب - شىمالىنى كېسىپ ئۆتىدىغان ئىنكا قەدىمىي يولىنى ياساپ چىققانلىقىنى تىلغا ئالدى.

جۇغراپىيەلىك توسالغۇلاردىن ھالقىپ، بوران - چاپقۇننىڭ تاۋلىشىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۇزاق يىللارنى بېسىپ ئۆتۈپ، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى بىر - بىرىگە ئۈزلۈكسىز يېقىنلىشىپ، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى كۈرىشىدە بىر - بىرىگە ئىلھام بەردى، تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىش يولىدا قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلىدى، جەنۇب تەرەپ ئويغىنىش دەۋر دولقۇنىدا ھەمنەپەس بولدى، قەدىمىي مەدەنىيلىك نۇرى يېڭى مۇساپىدە بىر - بىرىنى يورۇتتى.

رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندىكى چيەنكەي پورتى <يېڭى دەۋردىكى ئىنكا قەدىمىي يولى>نىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى بولماقتا.» ئالقىش ساداسى توختىماي ئېرىسپرو زالىدا ئارقا - ئارقىدىن ياڭرىدى. ئالقىش ساداسى ئىچىدە، جۇڭگو بىلەن پېرۇنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقنى قەدىرلىشى بار، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدى بار.

زۇڭتۇڭ بورۇئارت مۇنداق دېدى: «چيەنكەي پورتىنىڭ ئېچىلىشى پۈتۈن پېرۇ خەلقى پەخىرلىنىدىغان تارىخىي پەيت.» ئۇ نەق مەيداندىكى پېرۇ - جۇڭگو ئىككى دۆلەت ۋەكىللىرىگە مۇنداق دېدى: بۇ «يېڭى دەۋردىكى ئىنكا قەدىمىي يولى» ئىككى چوڭ مەدەنىي قەدىمىي دۆلەتنىڭ يۇغۇرۇلۇش كۆۋرۈكىنى، ئىككى دوستانە مىللەتنىڭ دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كۆۋرۈكىنى بەرپا قىلىدۇ. «ياشىسۇن جۇڭگو! ياشىسۇن پېرۇ - جۇڭگو دوستلۇقى!»

چيەنكەي تونېلى تۈرى قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان پېرۇلۇق ئىنژېنېر ئۆمەر ئارايو چيەنكەي پورتىدا بۇ تارىخىي پەيتنى بىۋاسىتە بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئىختىيارسىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۆمدى، «كەسىپ جەھەتتىن قانائەتلىنىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى پېرۇلۇق بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆز دۆلىتىمنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتىم».

بۇ، گۈللىنىش پورتى، پۇرسەت پاراخوتى، تەرەققىيات موتورى. «چيەنكەيدىن شاڭخەيگە بېرىش» ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلاندى.

چيەنكەي پورتى چوڭقۇر سۇ پورتى بولۇپلا قالماي، يەنە جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى تۇنجى ئاقىل پورت ۋە يېشىل پورت. پورتنىڭ قۇرۇلۇشى رايونلارنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلۇشى، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ سودا رىشتىسىنى چىڭىتىپلا قالماي، يەنە لاتىن ئامېرىكىسى بىلەن كارب رايونىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتى ۋە بىر گەۋدىلىشىش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

يېڭى ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇتۇلدى، يېڭى پۇرسەت يارىتىلدى، يېڭى كەلگۈسى تۇتاشتۇرۇلدى − جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى چوڭ پاراخوتى تېخىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە بولدى.

بۇ يىل رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى. 10 يىلدا ئۇتۇق قازىنىلدى، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئېلىپ كەلگەن ھاسىلات تۇيغۇسى، مەمنۇن بولۇش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى تاشيول - تونېللاردا، كۆۋرۈك - توسمىلاردا، مەكتەپ - دوختۇرخانىلاردا نامايان بولدى، شۇنداقلا كىشىلەر قەلبىدىن ئورۇن ئالدى.

چيەنكەيدىن يولغا چىقىپ، تىنچ ئوكياننىڭ ھەيۋەتلىك دولقۇنلىرىنى يېرىپ ئۆتۈپ، جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىدىن ئىبارەت چوڭ پاراخوت يېڭى، ئۇلۇغۋار، ھەيۋەتلىك مۇساپىگە يۈرۈش قىلدى. ئىستىقبال پارلاق، كەلگۈسى پارلاق!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لىما، 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.