[go: up one dir, main page]

تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

شىنجاڭنىڭ نەق مەيداندا كۆرسىتىلگەن تۆت مىسالى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تەجرىبە ئوقۇتۇشى بويىچە دەرس سۆزلەش پائالىيىتى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

   ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاساسىي مائارىپ مەھكىمىسى مائارىپ مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت تورىدا «10-نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تەجرىبە ئوقۇتۇشى بويىچە دەرس سۆزلەش پائالىيىتى نەق مەيداندا كۆرسىتىش مىسالى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى. 

    ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، ھەرقايسى ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ نورمىلىق تەۋسىيە قىلىشى ئاساسىدا، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشى، مەركەزلىك ئېلان قىلىشى قاتارلىق ھالقىلار ئارقىلىق، 296 نەق مەيداندا كۆرسىتىش مىسالى تىزىملىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 70-ئوتتۇرا مەكتەپ، شىخەنزە 3-ئوتتۇرا مەكتىپى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ نەق مەيداندا كۆرسەتكەن مىسالى تاللانغان. 

كودنى ساۋما قىلىپ مۇكەممەل تىزىملىكنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.