يېقىندا دۆلەت باج باش ئىدارىسى، مالىيە مىنىستىرلىقى، خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى بىرلىكتە سىرتقا مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: 2024-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، دۆلىتىمىز خەلق ئاۋىياتسىيەسى يولۇچىلارنى توشۇش مۇلازىمەت ساھەسىدە ئومۇميۈزلۈك رەقەملەشكەن ئېلېكتىرونلۇق تالون-ئاۋىياتسىيە يولۇچى توشۇش ئېلېكتىرونلۇق يولۇچىلار بېلىتى مۇساپە تالونىنى ئىشلىتىشنى كېڭەيتىپ، كەڭ يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشى ۋە ئورۇنلارنىڭ ئاتچوت قىلىشىغا يەنىمۇ قولايلىق يارىتىدۇ.
ئېلېكتىرونلۇق مۇساپە تالونى ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇلۇپ قوللىنىلغاندىن كېيىن، يولۇچىلار ئېلېكتىرونلۇق مۇساپە تالونىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇپ، ئەقلىيلەشتۈرۈپ چىقىرىش ھەم تاپشۇرۇش مۇلازىمىتى ئارقىلىق، ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى ئېھتىياجنى قاندۇرىدۇ، قەغەز مۇساپە تالونى چىقىرىشنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ، قەغەز مۇساپە تالونىنى پوچتىدىن ئەۋەتىش ھەققى تېجەپ قېلىنىدۇ.
● ئىدارىنىڭ مالىيە خادىملىرى ئېلېكتىرونلۇق مۇساپە تالونى ئارقىلىق قەغەزسىز ئاتچوت قىلىش، ھېساباتقا كىرگۈزۈش، ئارخىپلاشتۇرۇش، ساقلاش قاتارلىق كەسىپلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئالاقىدار كەسىپلەرنى «توردا بېجىرىش»نى ئىشقا ئاشۇرسا بولىدۇ؛
● ئىدارە ئېلېكتىرونلۇق تالون مۇلازىمەت سۇپىسىغا كىرىش ئارقىلىق، ئېلېكتىرونلۇق مۇساپە تالونىغا ماس كېلىدىغان قوشۇلما قىممەت بېجى سوممىسىنى سۈرۈشتۈرسە ھەم بەلگىلىمە بويىچە توغرىلاپ چىقىرىۋېتىشنى تاللاپ، ئومۇمىي باھا بويىچە سۇندۇرۇپ ھېسابلاشتىن ئىبارەت ھېسابلاش تەرتىپىنى كەچۈرۈم قىلىپ، خىزمەت مىقدارىنى يېنىكلەتسە بولىدۇ.
كەلگۈسىدە قەغەز مۇساپە تالونىنىڭ ئىشلىتىلىشىنىڭ زور دەرىجىدە ئازىيىشىغا ئەگىشىپ، مۇساپە تالونىنى بېسىش، تارقىتىش، بىكار قىلىنغان نەرسىلەرنى يىغىۋېلىش، بېسىپ چىقىرىش سىستېمىسىنى ئاسراش، پوچتىدىن ئەۋەتىش قاتارلىق تەننەرخلەرمۇ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ.
قەغەز مۇساپە تالونى
«مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى