[go: up one dir, main page]

تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئورمان كەكلىكى يېزا-كەنتلەردىكى «ئالتۇن سۇمرۇغ»قا ئايلاندى

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خوتەن ناھىيەسىنىڭ لاڭرۇ يېزىسى ئەۋزەل ئېكولوگىيە بايلىقى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئورمان كەكلىكى باقمىچىلىقىنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم كەسىپكە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايلاندۇردى. يېقىندا، خوتەن ناھىيەسى لاڭرۇ يېزىسى ئەتىۋارلىق قۇش باقمىچىلىق كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ باقمىچىلىق رايونىدا، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئورمان كەكلىكىگە يەم بېرىۋاتاتتى. بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى 2019-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، «باقمىچىلىق بازىسى+كەنت كومىتېتى+دېھقان ئائىلىسى» تىجارەت ئەندىزىسى بويىچە، بايلىقنى بىرىكتۈرۈش، باشقۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئورمان كەكلىكى باقمىچىلىقىنىڭ كۆلەملىشىش، كەسىپلىشىش تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ قۇرۇلۇشى كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى زورايتىپلا قالماي، يەنە ئەتراپتىكى ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. (ئىختىيارىي مۇخبىر خەن لى)

ئەمدىلا تۇخۇمدىن چىققان ئورمان كەكلىكى. ھازىرغىچە، لاڭرۇ يېزىسىدىكى تاۋار ئورمان كەكلىكىنىڭ سېتىلىش مىقدارى 80 مىڭغا يەتتى.

 كوپېراتىپ خىزمەتچىلىرى ئورمان كەكلىكىگە يەم بەرمەكتە.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.