[go: up one dir, main page]

تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

كۆركەم شىنجاڭ تاغلىرى | ياغقان قار بىلەن ئالتۇن كۈز بىر-بىرىگە رەڭ بېرىپ، نارات يايلىقى سىياھ رەسىمىدەك گۈزەل تۈسكە كىردى

   10-ئاينىڭ 29-كۈنى، كەچ كۈز ئاياغلىشىپ، باش قىش كېلەي دەپ قالدى. كۈز بىلەن قىش ئالمىشىۋاتقان نارات يايلىقىدا، ئالتۇن كۈزنىڭ رەڭدارلىقى تېخى تۈگىمىگەن بولسىمۇ، لېكىن نېپىز ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغانىدى. يايلاقتا، كۈزدىكى سېرىق رەڭ ۋە ئاپئاق قار بىر-بىرىگە ھۆسن قوشۇپ، مۇكەممەل بىرلىشىپ، ئىناقلىق، گۈزەللىك تۇيغۇسىغا تولۇپ، بىر خىل ئۆزگىچە ھەم گۈزەل بولغان كۈزدىكى قار ئاجايىپ مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈردى. كۈزدىكى سېرىق رەڭ بىلەن ئاپئاق قارنىڭ سېلىشتۇرمىسى تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۆت پەسىلنىڭ ئايلىنىشىدا تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل گۈزەل مەنزىرىنى نامايان قىلغانىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئالمىشىشمۇ بىر خىل تەبىئەتنىڭ ئايلىنىشى بولۇپ، تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە كۆپ خىللىقىنى نامايان قىلغانىدى.

(كۈنەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرلىرى جاڭ ۋېنتىڭ، لى جىنۋېي، فېڭ جىنپو)

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.