11-ئاينىڭ 1-كۈنى، قاراماي ئەسىر باغچىسىدا، شاڭخەي بىلەن قاراماي مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆتىڭى ۋە جۇ شېڭجۈن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سەنئەت سارىيىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى. بۇ سەنئەت سارىيىنى شاڭخەي شەھىرىنىڭ قاراماي شەھىرىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى بىرلىكتە قۇرغان بولۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان يىلتىز ئويما، لاي ھەيكەللەرنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى جۇ شېڭجۈن ئىجاد قىلغان 222 لاي ھەيكەل، تاماشا تېشى كۆرگەزمە قىلىنغان. سەنئەت سارىيى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم كۆزنەك ھەمدە شاڭخەي بىلەن قارامايدىن ئىبارەت ئىككى جاينىڭ مەدەنىيەت سەنئەت ئالماشتۇرۇشىدىكى ئاساسىي بازىسىغا ئايلىنىدۇ. (ئىختىيارىي مۇخبىر سۈي ۋېنجۈەن)
چۈشەندۈرگۈچى ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئالاقىدار بىلىملەرنى چۈشەندۈرمەكتە.
ئېكسكۇرسىيەچىلەر يىلتىز ئويما ئەسەرلىرىدىن ھۇزۇرلانماقتا.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى