[go: up one dir, main page]

تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

بادۈەن كەنتىدە قىشلىق كۆكتاتتىن مول ھوسۇل ئېلىندى

 11-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ليۇشىخۇ يېزىسى بادۈەن كەنتىدىكى كۆكتاتچى دېھقانلار شېڭسەينى سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتىغا ئەكىرمەكتە (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر زوۋ يى فوتوسى، خەۋىرى) 11-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ليۇشىخۇ يېزىسى بادۈەن كەنتىدىكى كۆكتاتچى دېھقان يۈ خېڭ ئوراپ قاچىلانغان ماروژنى لوبونى تىزغاچ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل ماروژنى لوبو ۋە سۆسۈن بەسەيدىن ئىبارەت ئىككى خىل يېڭى سورتنى كىرگۈزگەنىدۇق، ماروژنى لوبونىڭ مو بېشى ھوسۇلى تۆت توننىدىن بەش توننىغىچە بولدى. كۆركەم، تەمى ياخشى بولغاچقا، يەنە مېۋە-چېۋە ئورنىدا يېيىشكىمۇ بولىدۇ، ماروژنى لوبونىڭ باھاسىمۇ ئادەتتىكى لوبونىڭ باھاسىدىن يۇقىرى بولغاچقا، مو بېشى مەھسۇلات قىممىتى 8000 يۈەندىن 10 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ، سۆسۈن بەسەينىڭ مو بېشى كىرىمى 15 مىڭ يۈەن ئەتراپىغا يېتىدۇ».

   بادۈەن كەنتىدە بۇ يىل 6000 مودىن ئارتۇق يەرگە كۆكتات تېرىلدى، ئاساسلىقى شىلەنخۇا، ئورگانىك خۇاسەي، سۇڭخۇاسەي، بەسەي، چەيزى قاتارلىقلارنى تېرىدى. نۆۋەتتە، ۋاۋاسەي، شىلەنخۇا، سۇڭخۇاسەي، قىشلىق شىشېڭسەي قاتارلىق كۆكتاتلار بازارغا سېلىنىشقا باشلىدى. 

   «بۇ يىل كۆكتات باھاسى بىر قەدەر ياخشى بولدى، دېھقانلارنىڭ كىرىمى بۇلتۇرقىدىن %50 ئەتراپىدا ئاشتى. كەنت «ئىككى كومىتېت»ى مۇ بازارغا پائال ئۇدۇللىشىپ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ سېتىش يوللىرىنى ئېچىشىغا ياردەم بەردى» دېدى بادۈەن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋەن رۇڭپىڭ.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى سىجىل تەڭشەپ، ئەلالاشتۇرۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا كۆكتاتچىلىق كەسپىنى سەرخىللاشتۇردى، كۈچەيتتى. بۇ يىل 65 مىڭ مو يەرگە كۆكتات تېرىپ، مەھسۇلات مىقدارىنى 260 مىڭ توننا ئەتراپىغا يەتكۈزۈپ، شەھەر بويىچە كۆكتات تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ %40ىنى ئىگىلەپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ «كۆكتات سېۋىتى»نى پۇختا كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

11-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ليۇشىخۇ يېزىسى بادۈەن كەنتىدىكى كۆكتات پارنىكىغا بوشلۇقتىن نەزەر (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

11-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ليۇشىخۇ يېزىسى بادۈەن كەنتىدىكى كۆكتاتچى دېھقانلار پارنىكتا لوبونىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

11-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ليۇشىخۇ يېزىسى بادۈەن كەنتىدىكى كۆكتاتچى دېھقان يېڭىلا ئۈزگەن گىلاس لوبونى كۆرسەتمەكتە.

11-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ليۇشىخۇ يېزىسى بادۈەن كەنتىدىكى كۆكتاتچى دېھقان لوبونى سوغۇق ساقلاش ئامبىرىغا ئەكىرمەكتە.

11-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ليۇشىخۇ يېزىسى بادۈەن كەنتىدىكى كۆكتاتچى دېھقان شېڭسەي ئۈزمەكتە.

11-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ليۇشىخۇ يېزىسى بادۈەن كەنتىدىكى كۆكتاتچى دېھقانلار شېڭسەي ئۈزمەكتە.

11-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ليۇشىخۇ يېزىسى بادۈەن كەنتىدىكى كۆكتاتچى دېھقان شىلەنخۇا توشۇماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.