[go: up one dir, main page]

تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى

چىرا ناھىيەسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن خېلى ئېگىز تاغلىق رايونىدىكى شورلۇق يەردە شالنى سىناق تەرىقىسىدە تېرىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

     مەنبە: چىرا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

    كىشىلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تونۇشىدا، دېڭىز يۈزىدىن خېلى ئېگىز تاغلىق رايوندىكى شورلۇق يەر شال تېرىش بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىدى. ھالبۇكى، بۇ يىل كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بىر تۈرلۈك نەتىجە چىرا ناھىيەسىنىڭ تاغلىق رايونى چاقا يېزىسى لەنگۈي كەنتىدە بارلىققا كەلدى − دېڭىز يۈزىدىن خېلى ئېگىز تاغلىق رايوندىكى شورلۇق يەردە 300 مو شالنى سىناق تەرىقىسىدە تېرىش تولۇق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىپ، مول ھوسۇل ئېلىش مۆجىزىسى يارىتىلدى.

    چىرا ناھىيەسىنىڭ چاقا يېزىسى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2100 مېتىر بولغان تاغلىق رايونغا جايلاشقان، بۇ ئالاھىدە تۇپراق ئۇزاقتىن بۇيان دېڭىز يۈزىدىن خېلى ئېگىز، تۇپراقنىڭ تۇز تەركىبى يۇقىرى بولۇشتەك ناچار شارائىت سەۋەبىدىن، شالدىن ئىبارەت ئۆسۈش مۇھىتىنى بىرقەدەر تاللايدىغان بۇ خىل زىرائەتنى تېرىش مۇمكىنچىلىكىنى ھازىرلىمىغان، دەپ قارالغانىدى. لېكىن، پەن تەتقىقات خادىملىرى ۋە شۇ جايدىكى يېزىلىق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق رادىيو-تېلېۋىزىيە نازارىتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋاز كەچمىدى. ئۇلار تەتقىق قىلىش ۋە سىناق قىلىش ئارقىلىق، بۇ يىل يېڭى تىپتىكى شورغا چىداملىق شال سورتىنى تېرىپ، تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ياخشىلىدى. تۇپراقنى ئىنچىكە ياخشىلاشتىن سۇغىرىش سۇ مەنبەسىنى ئىلمىي تەڭشەپ تەقسىملەشكىچە، ھەربىر ھالقىغا چەكسىز يۈرەك قېنىنى سىڭدۈردى. سىناق تەرىقىسىدە تېرىلغان شال بۇ تۇپراقتا ساغلام ئۆسۈپ چىقتى، ئېغىر شال باشاقلىرى شالنىڭ غولىنى ئېگىپ، خۇددى مۇۋەپپەقىيەت شادلىقىنى بايان قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.
    دەسلەپكى مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، مەھسۇلات مىقدارى ھەر مو يەرنىڭ 350 كىلوگىرامدىن كۆپرەككە يېتىپ، مۆلچەردىكىدىن ئاشقان. بۇ قېتىمقى سىناق قىلىپ تېرىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشقا يېڭى يول ئېچىپ بەردى، ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتنى ئۆزگەرتىش، يەر بايلىقىدىن پايدىلىنىشتىكى چەكسىز يوشۇرۇن كۈچىنى تېخىمۇ ئىسپاتلىدى، شۇنداقلا جۇغراپىيەلىك شارائىتى ئوخشاپ كېتىدىغان رايونلارنىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىغا يېڭى ئۈمىد ۋە ئۆرنەك قىلىشقا بولىدىغان تەجرىبە ئېلىپ كەلدى. كېلەر يىلى چىرا ناھىيەسىنىڭ چاقا يېزىسى شال تېرىش كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، بۇ نەتىجىدىن تېخىمۇ كۆپ كىشىنى نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ.

(چىرا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرلىرى لى لىفۇ، جاۋ يەنبىن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.