[go: up one dir, main page]

تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى سۈت ئىچسە بولامدۇ؟

   دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى سۈت ئىچسە بولمايدۇ؟

   ئۇنداق ئەمەس.

   دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى سۈت ئىچسە بولۇپلا قالماي، يەنە كۆپرەك ئىچىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ساپ كالا سۈتى تەركىبىدە تەبىئىي لاكتوزا بار، بۇ، ساخاروزىغا ئوخشىمايدۇ، كالا سۈتى GI تۆۋەن يېمەكلىك بولۇپ، دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى ئىچسە تامامەن بولىدۇ. نۆۋەتتە، كالا سۈتى تەركىبىدىكى كالتسىي، ئاقسىل ۋە بەزى ياغ كىسلاتاسى 2 تىپلىق دىيابېت كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، دەپ قارالماقتا. چۈنكى ئىنسۇلىن قويۇپ بېرىشتە كالتسىي بولمىسا بولمايدۇ، كالتسىينىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولمىسا ئاشقازان ئاستى بېزى β ھۈجەيرىسىنىڭ ھۈجەيرە ئىچى ۋە ھۈجەيرە سىرتىدىكى كالتسىي كۆلچىكىدىكى كالتسىي ئىئونىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى ئۆزگىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىنسۇلىننىڭ نورمال قويۇپ بېرىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ؛ سۈت ئاقسىلى ئىنسۇلىن قارشىلىقىنى ياخشىلايدۇ.

   يەنە بەزى ھايۋانات تەجرىبىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە: يېتەرلىك كالتسىي چوڭ چاشقاننىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى، قان زەردابىدىكى ئومۇمىي خولېستېرىن سەۋىيەسىنى تۆۋەنلەتكەن ھەمدە يۇقىرى ئىنسۇلىنلىق قان كېسىلىنى ياخشىلىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، كالا سۈتى تەركىبىدىكى كونيۇگاتلىق لىنولېئىك كىسلاتا چوڭ چاشقاننىڭ يۇقىرى ئىنسۇلىنلىق قان كېسىلى ۋە يۇقىرى قەنتلىك قان كېسىلىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىغان.

  شۇڭا، قان شېكىرىنى كونترول قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپرەك سۈت ئىچىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

  ئاپتور: ئىلمىي رەددىيە بېرىش يېڭى تاراتقۇسى

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: رۇەن گۇاڭفېڭ

  كېشىن يېمەكلىك ۋە ساغلاملىق ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى

  «خەلق تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.