[go: up one dir, main page]

تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى

خوتەن تۇەنچېڭدا دۆلەت بايرىمى كەيپىياتى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى

    مەنبەسى: خوتەن شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى 
  
    دۆلەت بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، خوتەن شەھىرىدىكى خوتەن تۇەنچېڭ ساياھەت كەسىپ ھالىتىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ساياھەت قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىنى يېڭىلاپ، مەززىلىك تائام مەدەنىيىتى كوچىسى بەرپا قىلىپ، مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى، ساياھەتچىنى كېلىپ سەيلە-ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى، بۇ كوچا ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى. 


    9 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، تۈن پەردىسىنىڭ يېيىلشىغا ئەگىشىپ، «گۈللەنگەن دەۋردىكى جۇڭخۇا، گۈزەل تۇەنچېڭ» ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئويۇنى خوتەن تۇەنچېڭدىكى مەلىكە مەيدانىدا قويۇلدى. لەرزان مۇزىكىنىڭ ياڭرىشىغا ئەگىشىپ، ئويۇن «ۋەتەن ياخشىمۇسىز» ناملىق باشلىنىش ئۇسسۇلى بىلەن رەسمىي باشلاندى. ئارقىدىن، خوتەن شەھىرىنىڭ گۇجانباغ كوچىسىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئورۇنلىغان «ۋەتەنگە ساداقەتمەنلىك بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش» ناملىق ناخشا، «ھاياتىي كۈچكە تولغان جۇڭگو» ناملىق ئۇسسۇل قاتارلىق 11 نومۇر كەينى-كەينىدىن ئورۇنلىنىپ، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى، ساياھەتچىلەرنى شادلىق دېڭىزىغا چۆمدۈردى.


    يۈننەنلىك ساياھەتچى سەي جياجيې مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىم خوتەن تۇەنچېڭغا كېلىپ، بۇ يەردە مەززىلىك تائاملارنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، ناخشا-ئۇسسۇللارمۇ ناھايىتى قالتىس ئىكەن، بۇ يەرنىڭ ئۆزگىچە ئىمارەتلىرىنى ناھايىتى ياخشى كۆردۈم، بۇ قېتىمقى سەپىرىمنىڭ بىھۇدە بولمىغانلىقىنى ھېس قىلدىم».


    خوتەن تۇەنچېڭدا يەنە خاس قول ھۈنەر بۇيۇملىرى كوچىسى، ئائىلىۋى مېھمانخانا كوچىسى، كەپتەر مەززىلىك تائاملىرى كوچىسى، مەيخانا كوچىسى قاتارلىق كېچىلىك ئىقتىساد سورۇنلىرى بار بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى، ساياھەتچىلەرنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپلا قالماي، يەنە مەدەنىيەتنىڭ «ئاۋاتلىقى»نى تۇتاشتۇرۇپ، بۇ يەرنىڭ كېچىسىنى خۇشال كۈلكە سادالىرىغا تولدۇردى. 

 


    خوتەن شەھىرى ئاھالىسى روشەنگۈل ئابدۇغوپۇر مۇنداق دېدى: «ھازىر خوتەن بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى، خوتەن تۇەنچېڭمۇ بارغانسېرى چىرايلىق بولۇپ كەتتى، بىز كەچتە چىقىپ بازار ئايلىنالايمىز، مەززىلىك تائاملارنى يېيەلەيمىز، يەنە ئېسىل ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرەلەيمىز، بەك ئېسىل، بەك قالتىس».

 

 


    بۇ قېتىمقى مەدەنىيەت پائالىيىتىدە «ھۆكۈمەت سەھنە ھازىرلاپ بېرىش، ئامما دىراما ئېيتىش» شەكلى قوللىنىلىپ، ئاممىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيەت ئىقتىدارى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، خوتەن خەلقىنىڭ پائال ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان تۇرمۇش ھالىتى نامايان قىلىندى. 

 


    خوتەن شەھەرلىك سەنئەت ئۆمىكىدىن خوتەن شەھىرىنىڭ گۇجانباغ كوچا باشقارمىسى راۋاق ئالدى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى زاھىدەم دولقۇن مۇنداق دېدى: «دۆلەت بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، بىز ئېسىل نومۇرلارنى تەييارلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنى قاتناشتۇردۇق. كېيىنكى قەدەمدە، بىز يەنە ئامما ياقتۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى داۋاملىق تەييارلاپ رېپېتىتسىيە قىلىمىز».
  
    (خوتەن شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى يەن جاۋشيا، سەيراڭ دۇڭجۇ، قەلبىنۇر)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.