پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش− يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىق شانلىق مۇساپىسىدىكى تەجرىبە ۋە ئىلھام توغرىسىدا بايان (1)
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ 30 نەچچە قېتىم خۇاڭخې دەرياسى بويىدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، خۇاڭخې دەرياسىنى ئىدارە قىلىش بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ زىچ باغلىنىشى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىندا ئۈچ قېتىم مەخسۇس تېمىلىق سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ تىنچ ئېقىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئۇزاق مەزگىللىك تەدبىرنى چوڭقۇر پىلانلىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىشتىن ئىبارەت يېڭى دەۋر «خۇاڭخې ئومۇمىي خورى» جۇڭگو زېمىنىدا ياڭرىماقتا.